باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جىلىن چاڭچۈندىكى چاڭشېڭ بىئو ۋاكسىنىسى دېلوسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

شى جىنپىڭ: قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك

2018.07.24 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جىلىن چاڭچۈندىكى چاڭشېڭ بىئو ۋاكسىنىسى دېلوسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭچۈن چاڭشىڭ بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى قەبىھ بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى دەرھال تەكشۈرۈپ، ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ھەقىقىي تۈردە ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش − ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، كۈچلۈك دورا بىلەن كېسەلنى داۋالاش، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى چىقىرىشتەك ئىرادە بىلەن، ئېلىمىزنىڭ ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: گوۋۇيۈەن دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، بارلىق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق پۈتۈن جەريان، پۈتۈن زەنجىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، تېزدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەيلى قايسى كارخانا، قايسى كىشىلەرگە چېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش، ھەرگىز مادارا قىلماسلىق لازىم. خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بالدۇرراق ئاممىغا بىخەتەر، خاتىرجەم، ئىشەنچلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر