باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى «بازاردا پاي باھاسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى جاكارلاپ بولۇپلا»، ئۆزلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىپ چىقاردى

2018.07.19 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قىسىم ئامېرىكا كارخانىلىرى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالدى. مەبلەغ سالغۇچىلار مۇنداق قارىدى: بۇ ئەھۋال يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ كارخانىغا نىسبەتەن ئىشەنچىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئەكسىچە، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزلىرى باشقىچە يول تۇتتى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى شىركەتنىڭ بىر قىسىم پاي چېكىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرماقتا ئىكەن.

  تىرىنتابس مەبلەغچىلىك تەتقىقات شىركىتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كارخانىدىكى زاتلار بۇ يىل 5-ئايدا ۋە 6-ئايدا ئايرىم-ئايرىم 8 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ۋە 9 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پېيىنى سېتىپ چىقارغان، بۇ كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە سېتىپ چىقارغان پاي چېكى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى ئاي ئىكەن.

  كامبېرلاند مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون مۇسسو مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئالدى ئىشىكتىن كىرىپ پاي سېتىۋىلىپ، ئارقا ئىشىكتىن پېيىنى سېتىپ چىقارماقتا.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ خۇددى ئۇلار تېلېۋىزوردا كۆپچىلىككە بىز ماۋۇ پاي چەكلىرىنى ئېلىشنى ياخشى كۆرىمىز، دەپ، ئارقىدىنلا ئۆزى شۇ پاي چەكلىرىنى سېتىپ چىقىرىۋەتكەنگە ئوخشايدۇ.»

  ترىنتابىس مەبلەغچىلىك تەتقىقات شىركىتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرستىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باج كېمەيتىش سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى پەسىلىدە، كارخانىلارنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى 436 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالغان. دۆلەت گۈللەندۈرۈش بانكىسى، مورگېن چېس بانكىسى، ئامېرىكا بانكىسى ئايرىم-ئايرىم ئاز بولغاندىمۇ 20 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  پايچېكلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارخانىنىڭ زور كۆلەمدىكى پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشى قىسقا مۇددەت ئىچىدە پايدىلىق. باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل مۇكاپاتلاش، چۈنكى بۇ بىر قىسىم كىشىلەر توپىنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمىنىڭ ئېرىشىدىغان مائاشى شۇ پاي چېكىدىن كېلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەر ئادەتتە پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش باشلانغاندىن كېيىنلا، تېز سۈرئەتتە قولىدىكى پاي چېكىنى سېتىپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى روبېرت جېكسون ئىشخانىسىنىڭ يېقىندىكى بىر پارچە تەھلىل دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن 2018-يىلىنىڭ بېشىغىچە، كارخانىلار پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پاي چېكىنى ساتىدىغان ئىچكى قىسىمدىكى زاتلارنىڭ نىسبىتى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان.

  جېكسون 6-ئايدا مۇنداق دېگەن: «كارخانىلار بازارغا پاي چېكى باھاسى چۈشكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى پاي چېكىنى سېتىپ چىقىرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، دەپ قارىغان.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر