باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئاساسىي قۇرۇلۇشىدىكى بىر نەچچە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ

ئەشيا ئوبوروتى، تاشيول، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، تور قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2018.07.25 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كەلگۈسى بىر مەزگىلدە كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىنىدۇ. يېقىندا ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز يېزىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، سۇ قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، تاشيول، يېڭى بىر ئەۋلاد تور قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى زور قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە، دۆلىتىمىز كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، شارائىت ھازىرلانغان تەبئىي كەنتلەردە ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش تور نۇقتىلىرى بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن؛ سۇ قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ۋادا كۆلىمى نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دەريا-ئېقىنلارنى تۈزەش ۋە سۇ ئامبارلىرىنى پۇختىلاشنى يولغا قويىدىكەن؛ ئېنېرگىيە جەھەتتە، يېزىلاردىكى يېقىلغۇ گاز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدىكەن؛ تاشيول جەھەتتە، شارائىت ھازىرلىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول ئۇلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن؛ تور جەھەتتە، كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  يېزا ئۇل مۇئەسسەسىلىرى − يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەر خىل ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، يېزا جامائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان يېزا ئۇل مۇئەسسەسىلىرى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ تۇرمۇش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز يېزىلىرىدا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %79 كە ئۆستۈرۈلگەن، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول ئۇلانغان كەنتلەر %98كە يەتكەن، «بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت»، «بىر گەۋدىلەشكەن» ئالاقە تورى مۇلازىمىتىمۇ تېزلىكتە يېزا-كەنتلەرگە كېڭەيتىلگەن، يېزىلاردىكى پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %80.4كە يەتكەن، يەنە %65 كەنتلەردە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشقان.

  ۋاھالەنكى، شەھەر-بازارلارغا سېلىشتۇرغاندا، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى يەنىلا ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، بەزى تىپىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولماقتا. دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادىي مۆلچەر بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى زوۋ يۈنخەننىڭ قارىشىچە، يىرىك پىلان تۈزۈش قالاق بولۇش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى تار، مەبلەغ كاپالىتى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يېزا-كەنت يوللىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ناچار، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ناچار، يەنە كېلىپ توك ئىشلىتىش تەننەرخى يۇقىرى، يېزىلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى تۆۋەن، يېزىلاردا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى شەھەر-بازارلارغا قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن، يېزا ئوبوروت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا. بۇ مەسىلىلەر يېزىلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئائىلە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چەكلەپ تۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر