باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ توپلاش خىزمىتى باشلاندى

2018.07.23 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8:00دىن 18:00 گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 2-قېتىملىق ئارزۇ توپلاش خىزمىتى باشلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئارزۇ توپلاش دائىرىسى: خەنزۇ تىل-يېزىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى ۋە قوش تىلدىن ئىبارەت ئۈچ تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مۇددەتتىن بۇرۇنقى تولۇق كۇرس تۈركۈمى، نامرات رايون ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى (دۆلەت مەخسۇس تۈرى ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى)، جەنۇبىي شىنجاڭ يەككە تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىدە پىلان توشماي قالغان مەكتەپلەر (كەسىپلەر).

  خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇنقى تولۇق كۇرس تۈركۈمى ۋە نامرات رايون ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى (دۆلەت مەخسۇس تۈرى ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى)، جەنۇبىي شىنجاڭ يەككە تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىدە پىلان توشماي قالغان مەكتەپلەر (كەسىپلەر) دە ئارزۇ قوبۇل قىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 8:00دىن 18:00 گىچە بولۇپ، كونكرېت مەزمۇنىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (新疆招生网) (http://www.xjzk.gov.cn) ۋە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» (新疆招生网) ئورگان ئۈندىدار نومۇرى xjzs140304 دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

  ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ناۋادا چۈشەنمىگەن يېرى بولسا، يېقىن جايدىكى شۇ يەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىغا ياكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى كۈتۈۋېلىش ئورنىغا بېرىش ياكى ئاپتونوم رايونلۇق 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدان مەخسۇس لىنىيەلىك تېلېفونى (8750000-0991)غا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر