خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى دائىرىسىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قارىغايلىق، قارسالا ئاق قېيىنلىقى، ئاۋۇزچى قوش كۆلى، جىمۇگ شاقىراتمىسى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن باشقا، يەنە كىشىلەر بىلمەيدىغان ئامېنتۇنگ مەنزىرىلىك رايونىدىكى ئات جىلغىسىدەك گۈزەل جايلار بار. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئوت-چۆپى مول، سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، خۇددى بىر پارچە يېشىل ياقۇت تاغلارنىڭ ئارىسىدا ياتقاندەك كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن تاغ-يايلاق قىزىل، بىنەپشە، سېرىق رەڭلىك تاغ گۈللىرىگە پۈركەنگەن، خۇددى رەڭلىك ھەسەن-ھۈسەن تاغ ئارىسىغا مۆككەندەك كۆرۈنىدۇ. يېشىل دالىلاردا شىلدىرلىشىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار، توپ-توپى بىلەن بەخىرامان ئوتلاۋاتقان قوي-كالىلار، ئېگىز دۆڭلۈكتە يېتىپ پادىلىرىغا قاراۋاتقان پادىچىلار بۇ جايدىكى يايلاقنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل تۈسىنى نامايان قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى