ساۋۇر مەڭلىك (ئوڭدا) لى پېيگاڭ (ئوتتۇرىدا)نىڭ كۆكتات پارنىكىدا (13- ئىيۇل فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان چېگرا رايوندىكى بىر «ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى شورلۇق، قاقاسلىقلار ئىچىدىن بېيىش يولىنى بەرپا قىلدى. ھازىر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 20- ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدىكىدىن 38 ھەسسە ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرى «يانچۇقى تومپايغان، روھىي قىياپىتى يوپيورۇق» تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى