باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 170 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ سىچۈەن، گەنسۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ قارا يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى

2018.07.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 18- ئىيۇل سىچۇەن، گەنسۇ ئىككى ئۆلكىگە مەركەز مالىيەسىنىڭ تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش ياردەم مەبلىغىدىن 170 مىليون يۈەن ئاجراتقان، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى يېقىنقى مەزگىلدە ئىككى ئۆلكىدىكى ئېغىر قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇزۇلغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا سىچۈەن، گەنسۇ ئۆلكىسىدە ئېغىر قارا يامغۇر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئىككى ئۆلكىنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا چېدىر، كىيىم، قاتلىما كارىۋات قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاجرىتىشقا تەشكىللەپ، ئاپەت بولغان رايوندىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قوللىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر