باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى 240 مىڭ كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى

2018.07.20 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدا 19- ئاپرېل مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى باش بولۇپ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەن ئەھۋاللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىندى. 2018- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى قوبۇل قىلغان ئەرزىيەت-پاش قىلىش دېلولىرى 16 مىليون 830 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى 74 مىليون تۈرلۈك مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان، سۆھبەت ۋە خەت-چەك ئۇسۇلى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلگەن دېلولار 150 مىڭغا يەتكەن، 302 مىڭ تۈرلۈك مەسىلە ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان، بۇ دېلولارغا چېتىشلىق 240 مىڭ كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان (بۇنىڭ ئىچىدە 201 مىڭ كىشىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن). ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك، ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن 28ى، نازارەت ۋە ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلاردىن 1500ى، ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىك كادىرلاردىن 10 مىڭى، يېزا ۋە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلاردىن 37 مىڭى، ئادەتتىكى كادىرلاردىن 45 مىڭى، يېزا ۋە كارخانا قاتارلىق جايلاردىكى باشقا خادىملاردىن 146 مىڭى بىر تەرەپ قىلىندى.

  2018- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت» بويىچە 684 مىڭ ئادەم (قېتىم)لىق كىشى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل ھالەتتىكىلەرنىڭ سانى 442 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار «تۆت خىل ھالەت»بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي ئادەم (قېتىم) سانىنىڭ %64.6نى ئىگىلەيدۇ؛ ئىككىنچى خىل ھالەتتىكىلەرنىڭ سانى 189 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، %27.7نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۈچىنچى خىل ھالەتتىكىلەرنىڭ سانى 32 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، %4.7نى ئىگىلەيدۇ؛ تۆتىنچى خىل ھالەتتىكىلەرنىڭ سانى 21 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، ئۇنداقلار %3نى ئىگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر