باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىگە يېتىپ باردى

2018.07.20 16:32   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىگە يېتىپ باردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئەبۇزەبىگە يېتىپ بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بولىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى مۇھەممەد ئايرودۇرۇمدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى، ۋەلىئەھدى مۇھەممەدنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆرەك زالىغا باردى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سەپ بولۇپ قارشى ئالدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى مۇھەممەد بىلەن بىللە كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىدى. دۆلەت شېئىرىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە قوشۇمچە زۇڭلى، ۋەلىئەھدى مۇھەممەدنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆرۈشۈش زالىغا بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرى ۋە مۇھىم خان جەمەتى ئەزالىرى قاتارلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كۈتۈۋېلىشقا چىققان خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە قوشۇمچە زۇڭلى، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد جۇڭگونىڭ شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە قوشۇمچە زۇڭلى، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋەكالىتەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 34 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىزچىل ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا مېنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىمدىكى تۇنجى بېكەت ھەم شۇنداقلا مېنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى مەن زىيارەتكە چىققان تۇنجى دۆلەت. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەبۇزەبىگە يېڭى كېلىپلا، مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقىنىڭ قىزغىن دوستلۇقىنى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىرلەندىم. مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەقەززامەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا، بۇ قېتىملىق زىيارىتىم ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-چېسلا مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىفە، سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى سال، رۋاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كاگامى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافوسانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافوسانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھانسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى تاماملاپ دۆلەتكە قايتىش سەپىرىدە، ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتىدۇ ۋە ئۇ يەردە دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…