خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تاماشىبىنلار شىنجاڭ قىزىل مىڭئۆيى تام رەسىملىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ كۈسەن تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، چەت ئەللەرگە ئېقىپ كەتكەن يۈز پارچىدىن ئارتۇق شىنجاڭ قىزىل مىڭئۆيى تام رەسىمى ۋە غارلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سۈرەتلىرى بېيجىڭدا كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يەنە ئىككى ئىستېرېئولۇق تەقلىدىي غار ياسىلىپ، كۆرۈرمەنلەرگە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان غار ۋە تام رەسىملىرىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى تاماشا قىلىشقا سۇنۇلدى.
قىزىل مىڭئۆيى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيەسىگە جايلاشقان، مىلادى 3-ئەسىردە قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان چوڭ تىپتىكى تاش غار توپىنىڭ بىرى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى