باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوغان سايلام رىقابىتىدىكى ۋەدىسى بويىچە تۈركىيەدىكى جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇردى

2018.07.20 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەدە 2016-يىلى 7-ئايدا ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئەردوغان مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. مۇددىتى ئۈچ ئايلىق بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق ئۇدا يەتتە قېتىم ئۇزارتىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى مۇددىتى توشتى. ئەردوغاننىڭ داۋاملىق سايلىنىش سايلىمىدىكى ۋەدىسى بويىچە، ھۆكۈمەت ئەمدى جىددىي ھالەتنى ئۇزارتمايدىغان بولدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ئەھۋالدىكى ئالاھىدە تەدبىرنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى كېلەر ھەپتە بېلەت تاشلاپ، يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت دەرھال تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىر يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قانۇن لايىھەسىدە جىددىي ھالەتتىكى بىر قىسىم تەدبىرلەر ساقلاپ قېلىنغان، مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىنغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئىشتىن بوشىتىش ھوقۇقى بار بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەرمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سەۋەبى بىلەن شەخسلەرنىڭ مەلۇم بىر جايغا كىرىش ياكى ئايرىلىشىنى مەنئى قىلسا بولىدىكەن، مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مۇددىتى 15 كۈن بولىدىكەن.

  تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى كېلەر ھەپتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېڭى قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىدۇ. پارلامېنتنىڭ بىر كومىتېتى 19- ئىيۇل قانۇن لايىھەسىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر