باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.07.19 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18- ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا تىجارەت، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى مۇستەھكەملەشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ توردا بىر تۇتاش بېجىرىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى تېزدىن قۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جايلار ۋە ھەر قايسى تارماقلار «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى قوزغىتىپ، دىققىتىنى بازار سۇبيېكتى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قېيىن نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۆۋەنگە بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى بازار سۇبيېكتىغا بېرىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، كۈتۈنۈش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش ئىجازىتى، تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز ئېلانى، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىگە مەبلەغ سېلىشىنى تۈر تۇرغۇزۇپ تەستىقلاش، تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى قاتارلىق 17 مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى يەنە بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە تۈر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە سۇنۇلغاندىن كېيىن بىكار قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، يىل ئاخىرىغىچە، تاموژنا بىلەن تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش كەسپى ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇپ، مەلۇم قىلىش تالونى ۋە نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچىلەرنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تاموژنا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سودا قاتارلىق تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ تۇرۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ. ئۈچىنچى، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش ئىشىنى بېجىرىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى ئادەتتىكىچە تىزىملاش ۋە رەنىگە ئېلىپ تىزىملاش كەسپىدىكىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ۋاقتى يىل ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15 ۋە 7 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ. تۆتىنچى، سېلىش تۈرلىرىگە ۋەدە بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېزلىتىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، كارخانىلار ۋەدە بېرىپ ۋە ئىناۋەتتە چىڭ تۇرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كارخانىلارنىڭ ئادەتتە تەستىقلانمايلا مەبلەغ سېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بەشىنچى، يېڭىچە بازارغا ئىجازەتلىك كىرىشنىڭ سەلبىي تىزىملىكى چىڭ تۇتۇپ چىقىرىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئوخشاش ۋەدە بېرىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بازارنىڭ ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئالتىنچى، پۈتۈن مەملىكەتتە تىجارەت، سودا مۇھىتىنى باھالاش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ، بىر قىسىم يەرلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، نورمال رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر قىسىم يەرلىكلەرنىڭ يولغا قويۇلغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «بىرلا ئورۇندا» بېجىرىش، باجغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى «بىر تۇتاش بېجىرىش»، يۈرۈشلۈك شەكىللىك مەركەزلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش، « ئالاقە تور + داۋالاش سۇغۇرتىسى»، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىدە ياخشى بېجىرىپ بېرىش ۋە رايون ھالقىپ تەڭكەش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دېگەندەك ئۇسۇللاردىكى بازارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئامما ئېتىراپ قىلغان 28 تۈرلۈك ئۇسۇل تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر