باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىللىق شىنجاڭ تارباغاتاي شىخو پىۋىسى بايرىمى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ

2018.07.18 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ 2018-يىللىق شىنجاڭ شىخو پىۋىسى بايرىمى تەييارلىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئون يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن 2018-يىللىق شىنجاڭ شىخو پىۋىسى بايرىمى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، «پىۋا يۇرتى - بەختلىك شىخو»دا پۈتۈن شەھەر شاد-خۇراملىققا ۋە ئىناق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.

  تەييارلىق يىغىنىدا، پىۋا بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى 2018-يىللىق تارباغاتاي شىخو پىۋىسى بايرىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئومۇمىي لايىھەسى، پائالىيەت ئومۇمىي لاھىيەسىگە قارىتا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تەپسىلىي ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، 2018-يىللىق تارباغاتاي شىخو پىۋىسى بايرىمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ھەم تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. پىۋا بايرىمىنى ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈپ، شىخونىڭ ياخشى تەرەققىيات ئوبرازىنى نامايان قىلىش نىشان قىلىندى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ 11 يىللىقى، 11 يىللىق شەرەپنى پۈتۈن خەلق بىلەن ھەمبەھىرلەنمەكچى بولغان شىخولۇقلار 2018-يىللىق شىخو پىۋىسى بايرىمىدا «پىۋا يۇرتى - بەختلىك شىخو»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، تولۇق ۋە ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق ھالدا شىخونىڭ مول ساياھەت بايلىقى ۋە سىرتقا ئېچىۋىتىشتەك ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، پىۋا بايرىمىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭلىقلارنىڭ خاس بايرىمى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە پىۋا بايرىمى خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر