خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغنىڭ «خىلۋەت جىلغىسى» دەپ نامى بار شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ قىرغۇت يېزىسىدا، يازنىڭ تومۇز پەيتىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى «مۇز بىلەن ئوت»تەك ئىككى خىل بولۇپ، جىلغىنىڭ ئىچىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، جىلغا سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىسسىق بولىدۇ. تاغ يوللىرى تىك قىيالارنى بويلاپ گىرەلەشكەن، جىلغا ئاستى بۈككىدە تاغ گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ خىلۋەتلىكى ۋە گۈزەللىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يازنىڭ ئىسسىقىدىن پاناھلىنىدىغان ياخشى مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. قىرغۇت شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 60 كىلومېتىرچە كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە، يېپىق شەكىللىك تەڭرىتاغ سۇ مەنبەسى ساقلىنىدىغان ئورمانلىق رايونىغا كىرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى