باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو قۇرۇپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان مانىلا پاسىگ دەرياسى كۆۋرۈكى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى

2018.07.18 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان مانىلا پاسىگ دەرياسى كۆۋرۈكى تۈرىدە 17- ئىيۇل فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا رەسمىي ئىش باشلاندى، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې، جۇڭگونىڭ فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ چىيەنخۇا ۋە فىلىپپىن كابىنېت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسىم مىنىستىرلىرى قاتارلىقلار قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  دۇتېرتې ئىش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ فىلىپپىنغا ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئىنتايىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز! پاسىگ دەرياسى ئۈستىدىكى ئىككى كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن، شۇ يەرنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىپلا قالماستىن، پاسىگ دەرياسىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەم شۇنداقلا بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشەنچلىك قاتناش تورى بەرپا قىلىنىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق مانىلا شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  بۇ قېتىم قۇرۇلۇش باشلانغان ئىككى پاسىگ دەرياسى كۆۋرۈكى پۈتكەندە، مانىلا شەھىرىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىق ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ. چوڭ كۆۋرۈك بولسا، جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باش بولۇپ ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى بىردەك 30 ئاي بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر