باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، «ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2018.07.18 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، «ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئېلان قىلدى. بۇ نىزام 2018-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» ئىلىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئارقىلىق خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇشتىكى تۇنجى مەمۇرىي نىزام بولۇپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ھەمدە تەرتىپلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى كۈچەيتىش ئىستراتېگيەسى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»دا ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى يېتىلدۈرۈش، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر