باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر ― ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى)

− ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىنىڭ ھەممە ئادەم پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق خاتىرىسى

2018.07.19 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يېزا ئىسلاھاتىدىكى تۇنجى كەنت __ ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋشىخې بازىرى شياۋگاڭ كەنتىدە بۇ يىل كەنتنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك پايدىسىدىن تۇنجى قېتىم پايدا تەقسىم قىلىندى. ئاللىقاچان چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن يەن جىنچاڭ بوۋاي ئەينى يىللاردىكى شياۋگاڭ كەنتىدىكى چوڭ ھۆددىگەرلىكنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «يىل بېشىدا كەنتتىن ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە 350 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، ئەينى چاغدىكى ھەممە ئادەمگە يەر بۆلۈشتىن ھازىرقى ھەممە ئادەمگە پايدا بۆلۈشكە ئۆزگەردى، بىزمۇ كەنت ئاھالىسىدىن پايچىكلارغا ئايلىنىپ، كوللېكتىپنىڭ پايدىسىنى بۆلۈشتۇق، كوللېكتىپتىن بەختكە ئېرىشتۇق!»

  يېزا ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش شياۋگاڭنى ئۆزگەرتىپ، باي كەنتكە ئايلاندۇردى. 2017-يىلى، شياۋگاڭ كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىلكىدىكى كىرىمى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8 مىليون 200 مىڭ يۈەن ۋە 18 مىڭ 106 يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم %20.5 ۋە %12 ئاشتى. فېڭياڭ ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شياۋگاڭ كەنت پارتكومىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى لى جىنجۇ: ھەممە ئادەمگە پايدا تەقسىملەش يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە ئادىللىق تۇيغۇسىنى ئاشۇردى، دېدى.

  بىر تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش: 350 يۈەندىن يەنە 350 يۈەنگىچە

  يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ پاي ھوقۇق فۇنكسىيەسى ئىسلاھاتى − شياۋگاڭ كەنتىنىڭ ھەممە ئادەمگە پايدا تەقسىملىشىنى تۈزۈم بىلەن تەمىنلىدى

  بۇ يىل شياۋگاڭ كەنتىدە پايدا تەقسىملىنىپ، ھەر بىر كەنت ئاھالىسى 350 يۈەن ئالدى. 39 يىل بۇرۇن، يەنى مۇشۇ زېمىندا يۈز بەرگەن چوڭ ھۆددىگەرلىكنىڭ ئىككىنچى يىلى، شياۋگاڭنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى تۆت ھەسسە كۆپەيدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى 16 ھەسسە ئاشتى، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئالدىنقى يىلىدىكى 22 يۈەندىن 350 يۈەنگە يەتتى. لى جىنجۇ: «ئاشۇ يىلىدىكى 350 يۈەندىن بۇ يىلقى 350 يۈەنگىچە بۇ ھەقىقەتەن بىر تاسادىپىيلىق، تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشنىڭ كەينىدە سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان يېزا ئىسلاھاتى بار»، دېدى.

  يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ پاي ھوقۇق فۇنكسىيەسى ئىسلاھاتى تۈزۈمى رامكىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، شياۋگاڭ كەنتى 2016-يىلى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. بۇ قېتىم، شياۋگاڭ كەنتى يېزا ئىسلاھاتىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىزدىدى. فېڭياڭ ناھىيەلىك يېزا ئىقتىسادى ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لۇ يۈخې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا كوللېكتىپ مۈلكىگە پاي ھوقۇق فۇنكسىيەسى بېرىش كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر