باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئافغانىستاندا 11 نەپەر ئاخبارات خىزمەتچىسى قۇربان بولدى

2018.07.19 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان مۇخبىرلىرى خەۋپسىزلىكى كومىتېتى 18- ئىيۇل ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئافغانىستاندا 11 نەپەر ئاخبارات خىزمەتچىسى قۇربان بولغان.

  بۇ كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى نەجىب شەرفىي شۇ كۈنى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: قۇربان بولغان 11 نەپەر ئاخبارات خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ بىۋاسىتە نىشانى بولۇپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز كىشى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا كابۇلدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشنىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇمىدا قۇربان بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى كىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەندىھار ۋە خورست ئۆلكىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

  دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئافغانىستاندا ئاخبارات كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن 89ى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %22 ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 37 قېتىملىق ۋەقەنى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ۋە ئافغانىستان تالىبان تەشكىلاتى پەيدا قىلغان.

  ئافغانىستان مۇخبىرلىرى خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاخبارات كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئافغانىستان مۇخبىرلىرى خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى، ئاز دېگەندە 20 نەپەر ئاخبارات خىزمەتچىسى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھەر خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر