باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر»لەرنىڭ ھەممىسىدە دەريا باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

مىليونلىغان دەريا باشلىقى ئىش ئورنىغا چىقىپ، دەريا ئېقىنىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر ― ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى)

2018.07.18 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھەر بىر دەريا-ئېقىننىڭ ‹باشلىق›ى بولۇشى كېرەك» ━ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى جاراڭلىق سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا.

  بۇ، خەلق قەلبىگە تۇتاشقان تەنتەنىلىك ۋەدە، شۇنداقلا دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئىدى. بىر يىلدىن بېرى، مەركەزدىن يەرلىككىچە، ھەرىكەت جىددىي بولدى، نەچچىلىگەن دەريا باشلىقى ۋاقىت جەدۋىلى، سۇ تۈزەش يول خەرىتىسى زىچ ئېلان قىلىندى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئې جىڭپىڭ: 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ ھەممىسىدە دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى، مەركەز تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىن يېرىم يىل بۇرۇن تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاپپاراتلار قۇرۇلدى، مەسئۇليەت نەقلەشتۈرۈلدى، دەريا باشلىقى بار بولدى، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىنىپ، نەتىجە كۆرۈلدى. چوڭ دەريالاردىن يۇرتتىكى كىچىك دەريالارغىچە مىليونلىغان دەريا باشلىقى ئىش ئورنىغا چىقتى، ھەر بىر دەريا-ئېقىننىڭ ھەممىسىنىڭ «ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى» بار بولدى.

  ئەتراپتىكى دەريا ئۆزگەرمەكتە. جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھىرى گۇلوۋ رايونىدىكى ئاھالە ليۇ فاڭ: «دەريا باشلىقى ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، سۇ سۈپىتى ئۆزگەردى، ئون نەچچە يىل سېسىق ھالەتتە تۇرغان دىڭۋەنخې دەرياسىنىڭ «كېسەللىك يىلتىزى» يوقۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل يۇرت دەرياسى تىزىملىكىگە كىردى»، دېدى.

  «ئانا دەريا» ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ. شەنشى ۋېيخې دەرياسى ئېكولوگىيە رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داڭ دېسەي: «ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى پاكىز سۇ ئاقىدىغان ۋېيخې دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىگە كېلىپ، 800 چاقىرىملىق چىنچۈەننى سۇغارماقتا»، دېدى.

  دەريا باشلىقى تۈزۈمى «دەريا باشلىقىنىڭ تۈزۈشى»نى ئىلگىرى سۈردى، دەريا-كۆللەرنى باشقۇرۇش-قوغداش يېڭى باسقۇچقا كىردى. نەچچىلىگەن بۇلغانغان- سېسىق دەريالارنىڭ سۈيى سۈزۈلدى، نەچچىلىگەن بېشى ئۈزۈۋېتىلگەن دەريالار مەۋج ئۇرۇپ ئاقتى، «دەريا راۋان، سۇلار سۈزۈك، ئەتراپ يېشىل، مەنزىرە گۈزەل» بولغان گۈزەل دەريا-كۆللەر ھازىر رېئاللىققا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر