- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاكىستاندا ئېغىر دەرىجىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىنگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2018.07.16 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15- ئىيۇل پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىنگە تېلېگرامما يوللاپ، بىگۇناھ قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورلۇق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىز بۇ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. جۇڭگو خەلقى پاكىستان خەلقى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولىدۇ، پاكىستان خەلقىنى قەتئىي قوللايدۇ. بىز پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر