باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رىۋاندا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، ماۋرىتىئۇستىن ئۆتىدۇ ھەم ئۇ جايدا دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2018.07.16 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13- ئىيۇل جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى.دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كۇڭ شۇەنيۇ، مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ جۈن ئەھۋال تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇلار ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رىۋاندا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، ماۋرىتىئۇستىن ئۆتىدۇ ھەم ئۇ جايدا دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رىۋاندا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىق ۋە ماۋرىتىئۇستىن ئۆتۈپ، ئۇ جايدا دوستانە زىيارەتتە بولىدىغانلىق توغرىسىدا كۇڭ شۈەنيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رىۋاندا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، ھەمدە 7- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ماۋرىتىئۇستىن ئۆتىدۇ ھەم ئۇ جايدا دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ بولسا، بۇ يىل 3- ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۇدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، ھەمدە خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا قوللانغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدا سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى، ھەمدە ئىدىيەلىرىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگونىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا-ئافرىقا رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەمدە 9- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىكى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى يەنىمۇ ياڭرىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ دولقۇنىنى قوزغايدۇ. يۇقىرىقى دۆلەتلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە ۋە قىزغىن ھالدا ئۈمىد قىلماقتا، ھەمدە يۇقىرى ئۆلچەم ۋە ئىززەت-ئىكرام بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىپ كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر