باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندتا ئۆڭكۈردە قاپسىلىپ قالغان ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى 13 ئەزانىڭ ھەممىسى قۇتۇلۇپ چىقتى

2018.07.11 15:47   مەنبە: خەلق تورى

تايلاندتا ئۆڭكۈردە قاپسىلىپ قالغان ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى 13 ئەزانىڭ ھەممىسى قۇتۇلۇپ چىقتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، تايلاند چياڭرايدا، چياڭراي ئايمىقىنىڭ باشلىقى ناروڭسا (ئوڭدىن 2-كىشى) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  تايلاندنىڭ چياڭرايدىكى ئۆڭكۈردە قاپسىلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى تۆت ئۆسمۈر پۇتبولچى ۋە بىر تىرېنېر 10-ئىيۇل ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇۋېلىندى. بۇنىڭ بىلەن، 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيان ئۆڭكۈردە قاپسىلىپ قالغان 13 كىشىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

  تايلاند قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 19 نەپەر خەلقئارالىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆڭكۈردە سۇغا چۆكۈش مۇتەخەسسىسى ۋە تايلاند دېڭىز ئارمىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتى 10- ئىيۇل ئەتىگەندە ئۆڭكۈرگە كىرىپ، قۇتقۇزۇشنى باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىمى ئوكسىگېن قاتارلىق قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇشقا قاتناشتى.

  تايلاند قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەزالىرى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بەش ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇتقۇزۇپ چىقىلغان سەككىز ئۆسمۈر ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، بەدەن ئەھۋالى، روھىي ھالىتى ياخشى. تايلاند سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جەساد 10-ئىيۇل: قۇتقۇزۇپ چىقىلغانلار دوختۇرخانىدا ئاز دېگەندە يەتتە كۈن ئايرىپ داۋالىنىدۇ، دېدى.

  11 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 12 نەپەر تايلاندلىق ئۆسمۈر پۇتبولچى ۋە بىر تىرېنېر 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چياڭرايدىكى بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىمى 10 كۈن ئىزدەش ئارقىلىق، ئاخىرى 2-ئىيۇل كەچتە ئۆڭكۈر ئېغىزىغا تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قاپسىلىپ قالغانلارنى بايقىدى.

  بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۆڭكۈر ئىچىدىكى يەر شەكلى مۇرەككەپ. ھازىر تايلاندتنىڭ يامغۇر پەسلى بولغاچقا، ئۆڭكۈر ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، سۇلار لاي بىلەن توشۇپ كەتكەن، كۆرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن، تار ھەم مېڭىش تەس بولغانلىقتىن، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىنتايىن مۈشكۈل بولدى. قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان تايلاند دېڭىز ئارمىيە ئالاھىدە قىسىمىنىڭ بىر سابىق ئەزاسى 6- ئىيۇل ئوكسىگېن تۇڭىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى. بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان جۇڭگو ئۆڭكۈردە سۇغا چۆكۈش مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دۇنيادىكى قېيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ، خەۋپ-خەتىرى ئەڭ يۇقىرى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…