7-ئاينىڭ 9-كۈنى، مالدىۋېدىكى جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي قىسمى تۇتاشتۇرۇلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مالدىۋېغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي كۆۋرۈكىدىكى 20- نومۇرلۇق دۆڭ تۈۋرۈك بىلەن 21-نومۇرلۇق دۆڭ تۈۋرۈك ئارىسىدىكى پولات ساندۇق لىم 9-ئىيۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن چوڭ كۆۋرۈك پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى