خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل كەچتە، پاكىستاننىڭ پېشاۋاردا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداندا خىزمەت قىلماقتا.
پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان خەلق مىللىي پارتىيەسى 10-ئىيۇل كەچتە غەربىي شىمالىدىكى كىبېر-پۇشتۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى پېشاۋاردا ئۆتكۈزگەن سىياسىي يىغىلىشتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەھبىرى ھارۇن بىلورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم قازا قىلىپ، 47 ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى