باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2018.07.16 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 13- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلار بولسا، دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، ھەمدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا رەھبەرلەر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى، لېكىن، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسى، بولۇپمۇ ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا زور پەرقلەر مەۋجۇت، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىدىكى تەلەپلەرگە يەنىلا ئۇيغۇن كەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە كىرىزىس تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي رەۋىشتە كۈچەيتىپ، ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ، ئېھتىياج يېتەكچىلىكى، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشى قاتارلىقلار بويىچە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن چىقىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ زور ئىجادىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر