باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىنفانتىنو: «دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە ھەممە ئادەم رۇسىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالدى» دېدى

2018.07.16 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ رۇسىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، ھەر بىر كىشىنىڭ رۇسىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

  شۇ كۈنى، كرېمل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىنفانتىنو مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن ئىنتايىن خۇشال، مېنىڭچە، بىز ھەممىمىز رۇسىيەنى ياقتۇرۇپ قالدۇق. مەن تۆت يىلدىن كېيىن قاتارنىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمىزغا ئىشىنىمەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى رۇسىيەگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، قاتارغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكۈسى.»

  ئىنفانتىنو يەنە مۇنداق دېدى: «مانا بۇ __ پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچى، پۇتبول ھېسىياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى بىر ئائىلىگە ئايلاندۇرىدۇ، پۇتبول ئىتتىپاقلىشىش ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بىز رۇسىيەدە بۇ كەيپىياتنى ھېس قىلدۇق، ئەمدى بىز ئۇنى قاتارغا يۆتكىمەكچى بولۇۋاتىمىز. پۇتبول رۇسىيەدە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك دەرىجىدە ئېنېرگىيە ۋە پائال تەسىر كۆرسەتتى، بۇ تۆت يىلدىن كېيىنمۇ قاتاردا يۈز بەرگۈسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر