باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۈتۈن دۇنيا بويىچە پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق سەككىز مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

2018.07.16 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:خەلقئارا قوشۇمچە تۇغۇت تېخنىكىسىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1978- يىلى تۇنجى پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيا بويىچە سەككىز مىليون پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق دۇنياغا كەلگەن.

  دۇنيادىكى تۇنجى پىروبىركىدا يېتىلدۈرگەن قىز بوۋاق لويىس بلانكى 1978- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەنگلىيەدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى، ئۇ قىز بوۋاق بۈگۈنكى كۈندە بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاپىسى. نۆۋەتتە ھەر يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ تېخنىكا ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

  پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ ھەقتە كۆپ تالاش-تارتىشلار بولغان بولۇپ، ئۇ تالاش-تارتىشلاردا، بۇ ئەخلاق-پەزىلەتكە خىلاپتۇر، دەپ قارالغان. پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ نورمال تۇغۇلۇشىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاقلارغا بولغان پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. 2010- يىلى، پىروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى روبېرت ئېدىۋارد نوبېل فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر