باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنىنى قولغا قويۇشتا، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

2018.07.18 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 17- ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇنىڭ بىلەن، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش رەسمىي باشلاندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  جىددىي تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماقنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش بولسا، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشى بولۇپ، بۇنىڭدا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزىلار ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى توسۇشى كېرەك. يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى نىشان قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر