باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ بىر تەرەپ قىلىدۇ

2018.07.18 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يەسلىلەرنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەسلىلەردە خەنزۇ تىلى پىنيىنى، خەت، ھېساب، ئېنگلىز تىلى قاتارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى ئۆتۈشنى قەتئىي چەكلەش لازىم. يەسلىلەرنىڭ بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپ مەزمۇنىدىكى ئائىلە تاپشۇرۇقىنى بېرىش، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس مەزمۇنىغا ئالاقىدار ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا قارىتا قەتئىي تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش لازىم. ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىمۇ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى سىنىپ، يەسلى-باشلانغۇچ مەكتەپنى تۇتاشتۇرۇش سىنىپى قاتارلىق ناملار بىلەن بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس مەزمۇنىنى ئالدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم يەسلىلەر بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە بىلىش ئالاھىدىلىكىگە خىلاپ ھالدا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس مەزمۇنىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆگىتىپ، بىلىم ماھارىتى مەشىقىنى كۈچەيتتى، «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» خاھىشى بىر قەدەر ئېغىر بولدى. بۇ، بالىلارنى سەبىيلىكتىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىپلا قالماي، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش»تەك مائارىپ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» مائارىپ مۇھىتىنى تۈزەش؛ ئىش ئورنىغا ماسلاشقان قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ باشلانغۇچ مەكتەپتە نۆل باسقۇچتىن باشلاپ ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى بويىچە نۆل باسقۇچلۇق مائارىپنى يولغا قويمىغانلار، نۆل باسقۇچلۇق مائارىپ دەرس سائىتىنى ئازلاتقان، مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئوقۇتۇش ھەم شۇنداقلا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يەسلى بالىلىرىغا قارىتا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىلىم ماھارىتى سىنىقى چىقىرىپ ئىمتىھان ئالغانلار ياكى بالىلارنىڭ ئالاقىدار مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسى ۋە گۇۋاھنامىسىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسىي قىلغانلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك ۋە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكى بويىچە مەكتەپ مۇدىرى ھەمدە ئالاقىدار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، بۇنى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەمىمىيەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر