باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەنگە تەڭشەلدى

2018.07.17 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ، «بوسۇغىسى» تۆۋەن، قەرز ئېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئىگىلىك تىكلەش قەرز ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويۇلدى.

  تۈنۈگۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يېڭى سىياسەتتە كەسىپ چەكلىمىلىكى كېڭەيتىلىپ، بارلىق تىجارەت تۈرلىرى ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلدى، قەرز سوممىسى ئەرلەرگە 50 مىڭ يۈەن، ئاياللارغا 80 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى چەكتىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەنگە تەڭشەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەرز قايتۇرۇشتا ئاكتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە يەنە داۋاملىق ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى بېرىلىدۇ، بىراق قەرز بېرىش ئومۇمىي قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىدىكى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى بولسا ئىككى يىللىق ئۆسۈمى تولۇق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان قەرز ئىدى، يېڭى سىياسەتتە قەرز پۇلى ئالغان كارخانىلار ئۈچ يىلغىچە قايتۇرسا بولىدۇ، بىراق ئالدىنقى ئىككى يىلىنىڭ ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۈچىنچى يىلى قەرز ئۆسۈمىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

  ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزىنى تەستىقلاش خىزمەت تەرتىپىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇلدى، بىرلەشمە تەستىقلاش، بىر بېكەت شەكىللىك مۇلازىمەت قىلىش، ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇپ ئىش پۈتتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت ۋەدىسى قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى.

  ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 130 مىليون يۈەن كاپالەت فوندى توپلاندى، 51 مىڭ ئادەمگە كېپىللىك قەرز بېرىلدى، قەرز ئومۇمى سوممىسى 1 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يەتتى، 98 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر