باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇدا 12 پەسىل %6.9-%6.7لىك ئوتتۇرا-يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىدە يۈرۈشتى

2018.07.17 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەنە يىلنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، جۇڭگو ئىقتىسادى كىشىنى خۇشال قىلارلىق «يېرىم يىللىق دوكلات»نى سۇندى.

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى دۆلەت ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)نىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككىنچى پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى %6.7 بولغان بولۇپ، ئۇدا 12 پەسىل %6.9-%6.7لىك ئوتتۇرا-يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىدە يۈرۈشتى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ يوڭشىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى بولۇشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىلىق تەڭشەش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى داۋاملىق ئالمىشىپ، سۈپەت ئۈنۈمى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشتا پۇختا قەدەم ئېلىندى.

  يۈرۈشۈشى مۇقىم، قۇرۇلمىسى ياخشى، سۈپەت ئۈنۈمى ياخشى بولدى

  «مۇقىم»لىق جۇڭگو ئىقتىسادى «يېرىم يىللىق دوكلاتى»نىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى. ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىدا مۇقىم ئېشىش، مال باھاسى مۇۋاپىق بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشى بولۇش، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشتەك يۈرۈشۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  مۇقىم ئېشىش بولدى. «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 12 پەسىل ئىچىدە 0.2 پىرسەنت پوئېنتلىق تار تەۋرىنىش ئارىلىقى ئىچىدە بولدى، بۇ تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئېلاستىكىلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى، شۇنداقلا بۇ خىل ئېلاستىكىلىق يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى»، __ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيەنچېڭ شۇنداق دېدى.

  مال باھاسى مۇۋاپىق. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئېشىپ، مۇۋاپىق ئېشىش ھالىتى كۆرۈلدى، بازارنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشى بولدى. 6-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.8 بولدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا ئۈچ ئاي %5تىن تۆۋەن بولدى، «بۇ سەۋىيە 2016-يىلى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئايلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتىدۇر»، __ ماۋ شىڭيوڭ شۇنداق دېدى.

  خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ تاۋار ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشتى، ئىمپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئېكىسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە قارىغاندا داۋاملىق يۇقىرى بولدى، ئوڭ پەرق بەلگىلىك كىچىكلەپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر