باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 مىنىستىرلىق، كومىتېت 10 چوڭ تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلغان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ

2018.07.17 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 16-ئىيۇل ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 17 مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ يېقىندا سىياسەت چىقىرىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلغان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەنى زورايتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق 10 چوڭ جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، سۇپا ئىقتىسادى، ئاۋام ھۆددىگە ئېلىش ئىقتىسادى، ھەمبەھىر ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئېففېكتىنى تولۇق قويۇپ بېرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش لازىم. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىقلىشىشقا، يېشىللىشىشقا، ئالىي دەرىجىلىككە، مۇلازىمەتچىلىككە تەرەققىي قىلىشتىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ تۈر مائاشى، كېلىشىم مائاشى ھەمدە پاي ھوقۇقى، قەرەللىك ھوقۇق، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىش ھەققى بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەلگۈسىدە يەنە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، توردا تەستىقلاش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىكەن؛ بازار ئىجازىتى شەرتى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ يېڭى بازار سۇبيېكتى بارلىققا كەلتۈرۈلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتى تېز يولغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىلەر پائال راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يېتىلدۈرۈلىدىكەن. يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ئۆزگىچە كىچىك بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ تىرىكى زورايتىلىپ ھەم كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىلىرىنىڭ شۇ جايدا، يېقىن جايدا شەھەر-بازارلاشتۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تىپىك تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن ۋە ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرا-غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىغا سېلىشقا پائال يېتەكلىنىپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىلىپ ۋە قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىدىكەن. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالى ئاجرىتىلىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى تولۇقلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش ۋاقتى ئۇزارتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر