باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردىن 3000 يۈەن قەرز ئالدى، كېيىن يېڭى قەرز ئېلىپ، كونا قەرزنى قايتۇرۇپ، ئاخىرىدا 100 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلدى

«يەمچۈك قەرز» بەرگۈچى 15 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى

2018.07.16 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»، «يالىڭاچ ھۆججەت قەرز»ىدىن كېيىن، «يەمچۈك قەرز»نىڭ كۆزى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا چۈشتى. ئەسلىدە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئالغان 3000 يۈەن قەرز پۇل ئاخىرىدا 100 مىڭ يۈەنگە ئايلاندى! چۇڭچىڭدا ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى شياۋ جاڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) ئېھتىياتسىزلىقتىن «يەمچۈك قەرز»نىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتتى. يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى يوڭچۇەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن بۇ شەھەردىكى «مەكتەپلەرگە قارىتىلغان يەمچۈك قەرز»ى تۇنجى دېلوسىدىكى 15 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، شياۋ جاڭ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان، بىراق قولىدىكى مەبلىغى يېتىشمىگەنلىكتىن، ئامالسىز قالغان. بىر كۈنى، ئۇ قەرز بېجىرىپ بېرىدىغان بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان، قارشى تەرەپ تېلېفوندا، پۇل مۇئامىلە ئىناۋىتى بولمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، رەسمىيىتىنىڭ ئاددى ئىكەنلىكىنى، قەرز پۇلنى تېز سۈرئەتتە ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، شياۋجاڭ 3000 يۈەن قەرز ئېلىپ، بىر ئايدا قايتۇرۇشقا پۈتۈشكەن. توختام تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ «ھەپتىلىك ئۆسۈمى %30 ۋە رەسمىيەت ھەققى 100 يۈەن»نى قوشۇپ، جەمئىي 1000 يۈەننى تۇتۇپ قالغان ۋە 2000 يۈەننى شياۋ جاڭغا ئۇرۇپ بەرگەن. تۆت كۈندىن كېيىن، قارشى تەرەپ شياۋ جاڭدىن 3000 يۈەن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە «دېگەن ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، دوست-بۇرادەرلىرىنى پاراكەندە قىلىدىغانلىقى»نى دەپ پوپوزا قىلغان، شۇنداقلا شياۋ جاڭغا ناۋادا يېنىدىكى پۇلى يېتىشمىسە، باشقا قەرز شىركەتلىرىدىن قەرز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قەرزىنى ئۈزۈۋەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قايمۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن شياۋ جاڭ كەينى-كەينىدىن 13 قەرز شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «يېڭى قەرز ئېلىپ، كونا قەرزنى قايتۇرغان»، جەمئىي ئون نەچچە قېتىم قەرز ئالغان، ئاخىرىدا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپ قەرزگە بوغۇلغان.

  ئارقىدىن، قەرز شىركەتلىرىنىڭ قەرز سۈيلەش تاكتىكىسى يەنە بىر دەرىجە ئۆرلىگەن، يەنى ناچار، شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەن، شياۋ جاڭنىڭ دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىغا تېلېفون قىلىپ پاراكەندە قىلغان، شياۋ جاڭ ئاخىرى بېسىمغا چىداپ بولالماي، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

  ج خ ئورگانلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، رازۋېدكا قىلىشنى باشلىغان ۋە تەپتىش ئورگانلىرى ئالدىنئالا بۇ دېلونى ئىشلىگەن.

  دېلوغا مەسئۇل تەپتىش خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىنايەت شايكىسى پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ نامى بىلەن سىرتقا قەرز بېرىدىكەن، «كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرىغا قارىمايمىز، قارا نوپۇس بولۇش-بولماسلىقىغا قارىمايمىز، قەرز پۇلى سېكۇنت ئىچىدە تەستىقلىنىپ كارتىڭىزغا چۈشىدۇ» دەپ ئېيتىدىكەن، ھەر قايسى تور قەرزى، ئۈندىدار قەرز سۇپىلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ تور سالونى، قوشۇمچە خىزمەت ئىشلەش توپلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىپ تەشۋىق قىلىدىكەن. ئۇلار دەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بېشىدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن، ئىناۋەتنى قەدىرلەيدىغان، ئارقىسىدا ئائىلىسىدىن ئىبارەت <ئاخىرقى بانكىسى> بار، ناچار قەرز پۇل نىسبىتى تۆۋەن بولۇش» تەك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۆلچەرلەيدىكەن.

  تەپتىش خادىملىرى مەكتەپلەرگە قارىتىلغان «يەمچۈك قەرزى»نىڭ بەش ئالاھىدىلىكىنى خۇلاسىلەپ كۆرسەتتى: بىرىنچىسى، قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش «بوسۇغىسى» پاكار، يەنى، «پۇل مۇئامىلە ئىناۋىتىگە قارىماسلىق، تەستىقلاش ۋاقتى تېز بولۇش، پۇل تېز سۈرئەتتە كارتىغا كىرىش» قاتارلىقلار ئارقىلىق يەمچۈك قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قەرز پۇل ئېلىشقا قىزىقتۇرىدىكەن. ئىككىنچى، نامىدىكى پۇلنى ئۇستىلىق قىلىپ تۇتۇپ قېلىش، قەرز ئالغۇچىنى ئاتالمىش «رەسمىي» توختام تۈزۈشكە ئالدىرىتىش ئارقىلىق، ئەلئارا قەرز ئالغانلىقتەك ساختا كۆرۈنۈشنى ياساپ چىقىپ، ئاندىن ئۆسۈم، رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ناملار بىلەن ھەر خىل چىقىملارنى تۇتۇپ قالىدىكەن، رەسمىي كارتىغا كىرىدىغان پۇل توختامدىكى قەرز پۇلدىن خېلىلا تۆۋەن بولىدىكەن. ئۈچىنچى، توختامنى خالىغانچە بۇزۇپ، قەرىز قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش، قەرز شىركەتلىرى توختامغا تاق تەرەپلىمە خىلاپلىق قىلىپ، قەرز ئالغۇچىنى «ساختا ۋە يۇقىرى بولغان قەرز سوممىسى»نى دەرھال قايتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىكەن، قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز بولغان قەرز ئالغۇچىلارنى قاتلاممۇ قاتلام قەرزگە تۇتۇپ بېرىش، ھەتتا «تېلېفون كاشىلىسى، سىستېما ئاسىرىلىۋاتىدۇ» دېگەندەك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز قايتۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئاخىرىدا توختامغا خىلاپلىق قىلغان، دېگەن نام بىلەن قەرز ئالغۇچىنى يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە، رەسمىيەت ھەققى تۆلەشكە قىستايدىكەن. بەشىنچى، يۇمشاق «زورلۇق» ۋاسىتىلەر بىلەن قەرز سۈيلەش، مەسىلەن، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھاقارەت قىلىش، پاراكەندە قىلىش ئۇچۇرلىرىنى توپقا يوللاش ئارقىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش مەقسىتىگە يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر