باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.07.13 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، شۇڭا بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ ئۈلگىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مىنىستىرلىق، كومىتېت پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەم تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 12-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى.يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇپ»، «نەمۇنىلىك ئورگان» قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىكنى نامايان قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، تۈزۈم-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك. يىغىندا يەنە پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر