باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2018.07.11 15:52   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەم كۈنسېرى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولۇۋاتىدۇ. قەدىمىي يىپەك يولىدا «سودا كېمىلىرىنى ماڭدۇرۇشتۇق، سودىگەرلەر، ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشتۇق»، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدۇق، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدۇق، ھەرقايسىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتۇق. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، قانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ھەمراھلار، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە پائال قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈردى. تارىختا يىپەك يولى مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى ۋە ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەب دۆلەتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» كېسىشكەن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى تەبىئىي ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھتۇر. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى رايون ئەمەلىيىتى بىلەن، كوللېكتىپ ھەرىكەتنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى بىلەن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىنچلىقنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، رايون ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت ياراتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئادالەت، ھەققانىيەتنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوخشاشلا خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچ، بىز تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش يېڭى يولىدا مېڭىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆپ خىللىقى بۇ رايوننىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىكى پەرققە ۋە ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مەسىلىنى تۈزەيدىغان ئاچقۇچ، ھەرقايسى تەرەپلەر باشتىن-ئاخىر قەلبىگە ھەمكارلىقنى پۈكۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرگە خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئەمەل قىلىپ، پەلەستىنگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم جۇڭگونىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ۋە «ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى»نى قوللاش ئاساسىدا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى دۇنيا قۇرۇلۇش مائارىپى «بىرىنچى سەپ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن…
    ·شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
    ·بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپات…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەسكەرلىك بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشكە 320 كىشى قوبۇل قىلىدۇ 
    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…