خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ج ك پ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ يۆنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋاپكار جاڭ يۆگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ۋە 5 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويدى. جاڭ يۆ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن بارلىق مال-مۈلكى ئۇنىڭ ئۆسۈمى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. سوتتا جاڭ يۆ ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوت قىلىش ئارقىلىق، مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 2008-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جاۋاپكار جاڭ يۆ ج ك پ خېبىي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، خېبىي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ باشلىقى، ج ك پ خېبىي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى يەر ئېچىش، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، دېلو بىر تەرەپ قىلىش ۋە خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، بىۋاسىتە ياكى مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئارقىلىق باشقىلاردىن 156 مىليون 900 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى پارا ئالغان.
چاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جاڭ يۆنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاڭ يۆنىڭ پارا ئالغان سوممىسى غايەت زور ھەمدە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقان. جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، بۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا كىرىدۇ. دېلو ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ چوڭ جىنايەت مەسىلىلىرىنى پاش قىلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ راستلىقى ئېنىقلاندى، زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بار. جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلدى، ھارام مالنى ئاكتىپ قايتۇردى، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ كۆپ قىسمى قايتۇرۇۋېلىندى، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت كوللېگىيەسى يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى