خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 8-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېرلىن تېگگۋېۋر ئايرودۇرۇمىغا باردى، مېركېل بىلەن بىرلىكتە 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىدۇ ۋە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەن يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشى جۇڭگو-گېرمانىيە ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتنى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشىش مېخانىزمى نۆۋەتتىكى جۇڭگو-گېرمانىيە ئارىسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، چېتىلىدىغان ساھەسى ئەڭ كەڭ بىر قېتىملىق سۆھبەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى