- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىمالىي جۇڭغار-شىمالىي ئۈرۈمچى 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2018.07.11 16:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر كۈچى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى غەلىبىلىك ھالدا توك يەتكۈزۈپ، شىمالىي جۇڭغار-شىمالىي ئۈرۈمچى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش، تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ تۇنجى قېتىم تارباغاتاي ۋىلايىتىگە يېتىپ بارغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
شىمالىي جۇڭغار-شىمالىي ئۈرۈمچى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور جازىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش 2016-يىلى 4-ئايدا باشلانغان، تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شازغەت يېزىسىدىكى 750 كىلوۋولتلۇق شىمالىي جۇڭغار تىرانسفورموتور ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى 750 كىلوۋولتلۇق شىمالىي ئۈرۈمچى تىرانسفورموتور ئىستانسىسىدا ئاخىرلىشىدۇ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 2 مىليارد 287 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي لىنىيە 628 كىلومېتىر 300 مېتىر كېلىدۇ، جەمئىي 1216 ئاساسىي تۆمۈر مۇنار بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر