باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايون 15 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى

2018.07.11 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك «ئىجادكارلار سەيناسى» قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىغا چۈشۈرگەن 15 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئەمەلىيلىشىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرى قۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئالاقىدار بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنىڭ 15 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ھەر بىر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا 3 مىليون يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە چۈشۈرۈلۈپتۇ. ئۈرۈمچى ئىجادكارلار سەيناسى قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى ئېچىش، ئىش باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش تور بېكىتى قۇرۇلۇشى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى چىقىمى ۋە ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش، توك-سۇ ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق جايلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بەش ئورۇننى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش-ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى باغچىسى، ئۈرۈمچى ئارزۇيىغا يېتىش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش-يېتشتۈرۈش بازىسى، ئۈرۈمچى ئىجادكارلار سەيناسى، سانجى شەھەرلىك شاد-خۇرام ئىگىلىك تىكلەش كىچىك بازىرى، قاراماي شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش-يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولى ۋە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك يارىتىش بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر