باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بالىلار تىياتىرى بايرىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

2018.07.11 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو بالىلار تىياتىرى بايرىمى 14- ئىيۇل بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تىياتىر بايرىمى 43 كۈن داۋاملىشىدۇ، ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 38 ئۆمەك (يەنى بالىلار تىياتىرى ئۆمەكلىرى) 61 تۈرلۈك ئويۇن نومۇرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، 229 مەيدان ئويۇن قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنەن، چېڭدۇ ۋە لياۋنىڭدا بۇ تىياتىر بايرىمىنىڭ شۆبە يىغىن مەيدانلىرى تەسىس قىلىندى. بۇ قېتىمقى تىياتىر بايرىمىنى جۇڭگو بالىلار سەنئەت تىياتىر ئۆمىكى بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى ۋە جۇڭگو بالىلار تىياتىرى تەتقىقات جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  بۇ قېتىم كۆرسىتىدىغان نومۇرلار، مەيلى دائىرە جەھەتتىن بولسۇن ياكى سانى جەھەتتە بولسۇن، ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىپادىلەش شەكىللىرى ئاساسەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار، ئادەم-قونچاق تىياتىرلىرى، قەغەز رەسىملەر تىياتىرى، مۇزىكىلىق دىرامىلار ۋە پۇت-قول تىياتىرلىرى قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تىياتىر بايرىمى مەزگىلىدە يەنە بالىلار تىياتىرى خىزمەت ئورنى ۋە بالىلار تىياتىرى يازلىق لاگېرى قاتارلىق كۆپ خىل تىياتىر پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2018- يىللىق خەلقئارا بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تىياتىرى جەمئىيىتىنىڭ سەنئەت يىغىنىمۇ بۇ تىياتىر بايرىمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ، خەلقئارا بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تىياتىرى جەمئىيىتى قۇرۇلغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت يىغىنى ھېسابلىنىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ياش سەنئەتكارلىرىغا يۈزلەنگەن «كېيىنكى ئەۋلاد»لارنى تەربىيەلەش تۈرىمۇ مۇشۇنىڭدىن كېيىن باشلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر