باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتىدە «چېدىردىكى پارتگۇرۇپپىسى» چارۋىچىلىق رايونلىرىدا جانلاندى

2018.07.11 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئۇچلۇق يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ھەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۈتۈۋالدى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نۇرخۇمار سۈيشىك ۋە تۆت نەپەر كۆچمەن چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تەييارلىق قىلماقتا ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپتىن يېتىپ كەلگەن 104 نەپەر كۆچمەن چارۋىچىمۇ يىغىلىپ بولدى، ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنداپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ يايلاقتا ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشىنى كۆردى.

  ئالتاي ۋىلايىتىدە 3000دىن كۆپ كۆچمەن چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى بار، ئۇلار يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق ياكى تۆت پەسىلدە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ھالىتىدە ياشايدۇ، قەرەللىك ھالدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشتا قىيىنچىلىقى بار ئىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ئالتاي ۋىلايىتى «قاپلاش، ئەپلىك بولۇش، قوللىنىشچان بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «چېدىردىكى پارتگۇرۇپپىسى»نى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇقتىلىق باشقۇرۇش، ئېھتىياج بويىچە تەشكىللەش، ئىز بويىچە باھالاش ئارقىلىق كۆچمەن چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى، نورماللاشتۇرۇلۇشى، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  پارتىيە تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، كۈن ئولتۇرغاندىكى كەچكى شەپەققە ئەگىشىپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى قىزىلتاش كەنتى 5-پارتىيە گۇرۇپپىسى 7-ئايلىق چېدىردىكى پارتىيە دەرسىنى باشلىدى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئوراز خەلىپە ئۆزىنىڭ ئەتىۋارلىق كونا رەسىمىنى ئېلىپ چىقتى ۋە بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغان كۆرۈنۈشىنى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئەسلىدى. پارتىيە ئەزالىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىن بەرپا بولغان ياخشى كۈن، ياخشى مۇھىتنى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن بەس-بەستە ماختاپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر