باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە ھۆججەت ئالماشتۇرۇلدى

2018.07.10 11:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 9-چېسلا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە ھۆججەت ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ت ئا س س ئاخبارات ئاگېنتىلىقىنىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، پىسكوف: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە ھۆججەت ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھۆججەت مەزمۇنىنىڭ ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاساسىي مەيدانىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  پىسكوف مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك ئادەت بويىچە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا نۆۋەتتە ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىشنى باشلىدى، ھازىر مەيدانىنى ئىپادىلەش ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ، ھۆججەتلەرنىڭ دائىرىسى ئىككى تەرەپ پىكرىدىكى زىت بولغان مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ ھەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان قارالمىلارغىمۇ چېتىلىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسى 28-ئىيۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ 7- ئاينىڭ 16-كۈنى فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ئاقسارايمۇ بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر