- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت زەھەر چەكلەش دوكلاتىدا مەلۇم بولۇشىچە: رېتسېپلىق دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
2018.07.10 14:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىلىرى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان 2018- يىللىق ئەڭ يېڭى «دۇنيا زەھەر دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلار قاتارلىق رېتسېپلىق دورىلارنىڭ غەيرىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشىنىڭ ئاساسلىق تەھدىتى بولۇپ قالدى.
72- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى لەيچاك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر زەھەرلەر قاراڭغۇ بازارلاردا سېتىلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن خۇمارلىق دورىلار دورىخانىلاردىمۇ سېتىلىدىغان بولۇپ قالدى.
مورفىن قاتارلىق ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلار ئاساسلىقى ئاغرىقنى داۋالايدۇ، لېكىن ئۇنداق دورىلارنى قايتا-قايتا ئىشلەتسە، ئادەمنى ئاسان خۇمار قىلىپ قويىدۇ. دوكلاتتا مۇندا دېيىلگەن: بارغانسېرى كۆپ بولغان ھەمدە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ياسالمىلىرىدا داۋالاش مەقسەت قىلىنماي، ئەكسىچە زەھەر مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرىۋەتتى.
دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى زەھەرلىك چېكىملىك قىلىپ ئىستىمال قىلىدىغان دورىلار ئىچىدە،ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى ئەڭ زور بولۇپ، ئۇنداق دورىلارنىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئادەم سانى زەھەر چېكىپ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ %76نى ئىگىلىدى.
رېتسېپلىق دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسى ئېغىر ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا بويىچە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ بازىرى يەنە كېڭەيمەكتە. ب د ت زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى يۇرى فىدوتوف مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوكائىن ۋە ئەپيۈننىڭ مەھسۇلات مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسلار پەيدا بولدى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بولغان مەزگىلىدە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى شىددەت بىلەن %65 ئېشىپ، 10 مىڭ 500 توننىغا يەتكەن. 2016- يىلى دۇنيا بويىچە كوكائىن ياساش مىقدارى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 1410 توننىغا يەتكەن. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كوكائىنلار كولومبىيەدىن كەلگەن، لېكىن ئافرىقا ۋە ئاسىيا بولسا، كوكائىن توشۇپ سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىشنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.
دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە: 2016- يىلى دۇنيا بويىچە ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنى قولغا چۈشۈرگەن مىقدارى 87 توننىغا يەتكەن بولۇپ، شۇ يىل قولغا چۈشۈرگەن خروئىن مىقدارى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان؛ 2016- يىلى كەندىر شۇ يىلدىكى ئىستېمال قىلىش ئەڭ ئومۇملاشقان زەھەر بولۇپ قالغان، 2015- يىلى 192 مىليون ئادەم ئاز دېگەندە ئۇنى بىر قېتىم ئىشلىتىپ باققان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر