باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز سىرتقا 24 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزدى

2018.07.11 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ 7- ئاينىڭ 9- كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى كۆلىمى 24 مىليارد 444 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە %28.67نى ئىگىلىگەن، 10 مىليارد 115 مىليون كىلوۋات سائەتلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك سىرتقا يەتكۈزۈلۈپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ تۆت ئۈلۈشىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى 6 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن.

  شىنجاڭ بولسا، ئېلىمىزدە ئېنېرگىيە توپلاشقان، ھەمدە كۆمۈر ۋە مەنزىرە بايلىقى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر جايدۇر. لېكىن بۇ رايون جۇغراپىيەلىك تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە تولۇق ئايلاندۇرۇشقا بولمايۋاتىدۇ، شۇڭا، تېخىمۇ كەڭرەك بولغان بازارلارنى ئېچىشتا، بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  2010- يىلى، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى 1- لىنىيەسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېگانە بولۇش تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ئېلېكتىر بايلىقى تۇنجى قېتىم سىرتقا توك يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2013- يىلى 6- ئايدا، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ 2- لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەمدە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارى ئىككى مىليون كىلوۋاتقا يەتتى. 2014- يىلى 1- ئايدا، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جېڭجۇغا بىۋاسىتە توك يەتكۈزىدىغان ± 800 كىلوۋولتلۇق توك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، شىنجاڭ يەنە غەربىي چېگرا رايون بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇرىدىغان «ئېلېكتىر يىپەك يولى»غا ئايلاندى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 162 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر