باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە 18 مىڭدىن كۆپرەك ھۆكۈمەت خادىمى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلدى

ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2018.07.10 11:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى 8-ئىيۇل مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، 18 مىڭدىن كۆپرەك ھۆكۈمەت خادىمىنى ۋەزىپىسىدىن بوشاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ساقچى، ئەسكەر ۋە ئالىملارمۇ بار.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشتىن بوشىتىلغان كىشى جەمئىي 18 مىڭ 632 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 9000غا يېقىن ساقچى، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەسىدىن 6000دىن ئارتۇق كىشى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلاردىن 1000دىن ئارتۇق كىشى، ئىلىم ساھەسىدىن 200گە يېقىن كىشى بار ئىكەن.

  بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق بويىچە، 12 جەمئىيەت، ئۈچ گېزىت ۋە بىر تېلېۋىزىيە قانىلى تاقالدى.

  تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھالەت مەزگىلىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى» مەمۇرىي بۇيرۇقى ئىكەن، چۈنكى تۈركىيە ئەمەلدارى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەڭ بالدۇر بولغاندا جىددىي ھالەتنىڭ 9-ئىيۇل ئاخىرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن ئىدى.

  تۈركىيەدە 2016-يىلى 7-ئايدا ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، زۇڭتۇڭ ئەردوغان دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىلدى، يېقىنقى بىر قېتىملىق جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى توشىدۇ.

  ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ 3-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۈركىيە ھۆكۈمىتى جەمئىي تەخمىنەن 160 مىڭ ھۆكۈمەت خادىمىنى ئىشتىن بوشاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى شىكايەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر