باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.07.05 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش بېكىتىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بېرىشكە بولىدىغانلىرىغا ئىمكانقەدەر بېرىش تەلىپى بويىچە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئادەم، مەبلەغ، ئەسلىھەنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۈرتكىسىنى زورايتىش كېرەك. بىرىنچى، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. دۆلەت پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىدا بولغانلىكى تۈر ئىلتىماسى ماتېرىياللىرىنى قايتا تەمىنلەشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. ھەر خىل تەكشۈرۈش، باھالاش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ئازايتىپ، ئەركىن ئىزدىنىش تىپىدىكى ئاساسىي تەتقىقات ۋە دەۋرىيلىكى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن تۈرلەرنى ئارىلىقتا تەكشۈرمەسلىك كېرەك. مالىيە ۋە تېخنىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ تۈر ئاخىرىدا بىر قېتىمدىلا ئۇنىۋېرسال باھالاش كېرەك. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مالىيە-بوغالتىرلىق قاتارلىق كەسپىي مۇلازىمەتلەرنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئۇلارنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن ئازاد قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تولۇق ئىشىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭ خىراجەت ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. پەن تەتقىقاتتا جىددىي ئېھتىياجلىق ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىياللارغا قارىتا ئالاھىدە ئىشقا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، خېرىدار چاقىرماسلىق كېرەك. پەن تەتقىقات خادىملىرى تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، تېخنىكا يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. تۈر بىۋاسىتە خىراجىتىدە ئۈسكۈنە خىراجىتىدىن باشقا خىراجەتلەرنى تەڭشەش ھوقۇقى تۈرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنغا بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى، ھالقىلىق ساھەدىكى يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكەل ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالغان پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈن، تولۇق ۋەزىپىلىك ئەترەتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كىرگۈزگەن سەردار ئىختىساسلىقلارغا قارىتا يىللىق مائاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ يىللىق ئۈنۈم مائاش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇناسىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، نەتىجىگە، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش باھا سىستېمىسى ئورنىتىپ، پەن تەتقىقاتى ئېنىقسىز بولغانلىقتىن كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمىگەنلەر بىلەن ئىلىم يولى توغرا بولمىغانلىقتىن تۈردە مەغلۇپ بولغانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك. بەشىنچى، ئاساسىي تەتقىقات تۈرىنىڭ ۋاسىتىلىك خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، پەن تەتقىقات تۈر خىراجىتى خامچوتى تۈزۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، پەرقلىق خىراجەت كاپالىتىنى يولغا قويۇش، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش قاتارلىق «يېشىل يول»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەجرىبىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر