باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئۆرلىدى

2018.07.09 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى مەركىزىي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئارقا-ئارقىدىن پىكىر بايان قىلىپ، خەلق پۇلىنى كۈچلۈك ھىمايە قىلدى، نەتىجىدە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرىۋوت قىلىنىش نىسبىتى قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، ئۆرلىدى. تۈنۈگۈن، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يەنە داۋاملىق ئۆرلىدى.

  تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 98 نۇقتا چۈشۈپ، 6.6595 يۈەننى كۆرسەتتى، بۇ 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم 6.65 لىك ئېغىزغا چۈشىشى ھېسابلىنىدۇ. بىراق قىرغاق ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى خەلق پۇلى پېرىۋوت نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆستى.

  تۈنۈگۈن ئەتىگەندىكى پېرىۋوت بازىرىدا، خەلق پۇلى داۋاملىق زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. قىرغاق ئىچىدىكى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت باھاسى سائەت 16:30 ئۆتكەندە 6.6211 يۈەن بىلەن بازارنى تاقىدى. بۇ بىر كۈن بۇرۇنقى سودا كۈنىدىكى بازار تاقاش باھاسىدىن 461 نۇقتا ئۆرلىدى. بۇ، بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېشىش كۆلىمى ھېسابلىنىدۇ. كەچ سائەت 19:00 دا، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت باھاسى 6.6345 غا قايتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر