باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تولى ناھىيەسىدە تۇيۇقسىز قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، بارلىق ئامالنى قوللىنىپ يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشنى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2018.07.05 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، تولى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا قىسقا ۋاقىتلىق قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىنى پەيدا قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپەتتە بىر ئادەم قازا قىلىپ، ئىككى ئادەم يوقاپ كەتتى؛ 50 ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى، 100دىن ئارتۇق كىشى جىددى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئاپەتتە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئوت ئۆچۈرۈش، خەلق ئەسكەرلىرى، ئورگان كادىرلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 5000دىن كۆپرەك كىشىنى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى.

  نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر