باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىگە ئېنىق بەلگە قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.07.05 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئىيۇل دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئۈچ تارماق بىرلىشىپ يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ بەلگىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرۈشىگە بەلگىلىمە بويىچە ئېنىق قىلىپ بەلگە قويۇشنى، ئېلىمىز پىششىقلاپ ئىشلەش خام ماتېرىيالى قىلىشنى تەستىقلىمىغان شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە تاۋارلاشتۇرۇپ تېرىشى تەستىقلانمىغان، بازاردا بۇ خىل گېنى يۆتكەلگەن زىرائەت ۋە ئۇنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتى يوق يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرۈشىگە «گېنى يۆتكەلمىگەن» دېگەن خەتلەرنى يېزىشقا بولمايدىغانلىقىنى بېكىتكەن.يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيى بولۇپمۇ يېمەكلىك ئۆسۈملۈك تەڭشەلمە مېيىنىڭ يارلىق، بەلگىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساختا بەلگە بىلەن ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرۈشىگە «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» «يېمەكلىك بەلگىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ۋە ئالاقىدار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بەلگە قويۇش كېرەك. يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرۈشىگە يالغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆزى تەمىنلىگەن يارلىق، چۈشەندۈرۈش مەزمۇنىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ نامى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ھەقىقىي خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. بىرلا خىل تۈردىكى يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىگە بۇ خىل يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ قېلىپلاشقان نامىنى ئىشلىتىش، باشقا تۈردىكى مايلارنى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك. ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنى تەڭشەشتىن ياسالغان يېمەكلىك مېيىنىڭ مەھسۇلات نامىنى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ئۆسۈملۈك مېيى»( GB 2716-2018)دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، «يېمەكلىك ئۆسۈملۈك تەڭشەلمە مېيى» دەپ بەلگە قويۇش، شۇنداقلا بەلگىدە ھەر خىل يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ نىسبىتىنى ئىزاھلاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر