باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىرئەلىجاننىڭ شىنجاڭدىكى ئون يىلى

2018.07.05 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شىرئەلىجان يىراقتىكى ياقا يۇرتقا كەتتى.

  ئۇچۇرنى شىرئەلىجان گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودرومىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ توپ مەيدانىدىكى ئىلگىرىكى مۇستەقىل ۋە ئۆزگىچىلىكىگە ئوخشاشلا، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار ۋە ئۇنىڭغا ئۆچ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى.

  شىنجاڭ كوماندىسىغا ئون يىل جان كۆيدۈرگەن «شىر» بۈگۈنكى كۈندە لىڭنەنگە بېرىپ «ياقا يۇرتتا يات مېھمان» بولۇپ قالدى.

  ئون يىل بۇرۇن شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىدىن گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كىرگەن ھېلىقى يازغا نەزەر سالساق، بوكسچىلىقتىن چىققان، 16 ياشتا توپ مەشىق قىلىشنى باشلىغان شىرئەلىجاننىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى گويا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ زاپاس كۈچى يېتىشمەسلىككە بولغان ئامالسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنلا بولغاندەك قىلاتتى.

  بىر مەيدان ئانچە مۇھىم بولمىغان ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە، ئەمدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن شىرئەلىجان ئىچكى سەپكە بۆسۈپ كىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىككى مۇھاپىزەتچىسىدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ توپنى گارغا باسماقچى بولغان ھېلىقى كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدە قالدى.

  گۇاڭدوڭ-شىنجاڭ ئاتا بەگلىك تالاشقان نەچچە يىلدا، تاشنى گۆھەرگە ئايلاندۇرالايدىغان پېشقەدەم يېتەكچى جياڭ شىڭچۈەن «شىر»غا ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغان بوشلۇق بەردى، تېز باش كۆتۈرگەن شىرئەلىجان ناھايىتى تېزلا كوماندا تايىنىدىغان، رەقىبلەر ئەنسىرەيدىغان «ئورۇندۇقتىكى باندىت» (يەنى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان زاپاس ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ) بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، توپ مەستانىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  شۇ چاغلاردا، جىق پۇل خەجلەپ چەتئەللىك ماھىرلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېز باش كۆتۈرگەن شىنجاڭ كوماندىسى گۇمان قوزغاۋاتقان بولۇپ، «ياللانما قوشۇن كوماندىسى» دەپ ئاتالغان ئىدى. «قۇملۇق شەمشىرى» شۈ گوچوڭ ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە چېكىنگەن، ھەمدە موڭغۇل ماھىر باتۇر شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چىمپىيون بولۇشىغا ئىشەنچىسى قالمىغان ئىدى.

  بەلكىم باش كۆتۈرىدىغان پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى ۋە ياكى پەقەتلا «ئاسمان ئۆرۈلسە ھامان بىرى تىرەپ تۇرىۋېلىشى كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەت سەۋەبلىك، شىرئەلىجان «ئۆز يۇرتىنىڭ يادروسى» بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر يۈكنى كۆتۈردى: قارشى تەرەپنىڭ چەتئەللىك چولپان ماھىرلىرىغا بۇدۇشقاقتەك چىڭ چاپلىشىپ، نەچچىلىگەن «نۇمۇر ئېلىش ماشىنىلىرى»نى كاردىن چىقاردى؛ سەپداشلىرى بەل قويۇۋەتكەن ھالقىلىق پەيتتە قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئويلاپ يەتكۈسىز، ئەمما جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغان توپلارنى يىراقتىن ئېتىپ كىرگۈزدى.

  رەقىبىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، سەپداشلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىش، رېپىرغا ھۆركىرەش، قارشى تەرەپنىڭ توپ مەستانىلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش.... كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، شىرئەلىجان نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىپ، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قادالغان «مىق» بولۇپ قالدى، قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقىلەشكەندە «ئارتۇقچە سالام»دىن «بەھرىمەن» بولدى.

  ئۇنىڭغا ئۆچ ئادەملەر ئاز ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن چۈشەندۈرۈپ باقمىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

  ئۇ خوشلاشقاندا، شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىغا رەھمەت ئېيتقان مىكرو بىلوگىدا: «سىلەرنىڭ مېنى قوبۇل قىلغىنىڭلار ۋە ماڭا بەرگەن پۇرسىتىڭلار، سىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپ»، دەپ يازدى.

  بىر تۈركۈم سەپداشلىرى كېلىپ-كېتىپ يۈردى، شىرئەلىجاننىڭ تىزىدىكى داكا ئاسرىغۇچلار بارغانسېرى قېلىنلاشتى، گارغا كۆمتۈرۈپ توپ سالغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى، بۆسۈپ ئۆتۈشىمۇ ئازلاپ قالغان، مۇداپىيە قىلسىمۇ پەقەتلا ئارقىچە كىچىك قەدەمدە چاپلىشىپ قوياتتى، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى تەبئىيلا تېخىمۇ كۆپەيگەن ئىدى.

  ياخشى يېرى تۇرمۇش ئەزەلدىن قىزغىن سۆيگەنلەرنى نائۈمىدتە قالدۇرمايدۇ. 2016-، 2017- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، گۈزەل ياشلىقىدىن ئۆتكەن شىرئەلىجان ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى قوشۇنغا ئېرىشتى، نۆلگە قارشى تۆت نەتىجىدە كونا رەقىبى بولغان گۇاڭدۇڭنى يەڭگەندىن كېيىن، «شىر» شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداپ بولدى.

  «يوقىتىش ئازابى ئېتىقادىمنى تاۋلاپ چىقتى، مېنىڭچە مەن بۇ توققۇز يىلغا يۈز كېلەلىدىم، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمىدىم.» چېمپىيون بولغاندىن كېيىنكى شىرئەلىجاننىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋەزنى بار ئىدى، لېكىن كۈلسە خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشايدىغان بالا چىرايىدا قورۇق پەيدا بولغان ئىدى.

  مۇسابىقە مەيدانىدا، غەلىبە ئۇنىڭ بارلىقى؛ مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدا، ۋاسكېتبول ئۇنىڭ بارلىقى. خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مەكتەپ جامائەت پاراۋانلىقى، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول تەربىيەلەش.... مەيداندىكى ياۋۇز شىرئەلىجان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ۋاسكېتبولنىڭ ساغلاملىقى ۋە خۇشاللىقىنى يېنىدىكى ھەر بىر ئادەمگە سوۋغا قىلدى، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ بالىلىرى ئۇ سەۋەبلىك ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرۈپ، كۆڭلىدە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش ئارزۇسى ياندى.

  تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ پەقەتلا گۇاڭجۇ كوماندىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ بىر يىل كۈچ چىقىرىدىكەن. شىرئەلىجان بىلىشى كېرەككى، ئۇنى ئون يىل ياخشى كۆرگەن شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ھەرگىز ئۆچۈپ قالمايدۇ، «شىر» ئۆيىگە قايتقان چاغدا، قىزىل تاغ تەنتەربىيە سارىيى يەنىلا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ۋە تەنتەنىلەرگە تولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر